پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ قايتىپ كىلىپ: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە…

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ قايتىپ كىلىپ: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىندى،- دېگەندە، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇنبەر ئۈستىگە چىقىپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتتى

ئەبۇ ھۇمەيىد ئەسسائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ قايتىپ كىلىپ: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىندى،- دېگەندە، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇنبەر ئۈستىگە چىقىپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەقسەتكە كەلسەك، ئاللاھ تائالا مېنى ئىگە قىلغان ئىشلارنىڭ بىرىگە سىلەردىن بىر كىشىنى تەيىنلىسەم، ئۇ كىلىپ: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا قىلىنغان ھەدىيە،- دەيدۇ، ئۇ راستچىل بولسا، دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغان بولسا بۇ ھەدىيەلەر ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىنارمىدى؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ ھەققى بولمىغان نەرسىنى ئالسا، قىيامەت كۈنى ئۇنى كۆتۈرگەن ھالدا ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىدۇ، مەن سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا بىلەن بوقىراپ تۇرغان تۆگىنى ياكى مۆرەپ تۇرغان كالىنى ياكى مەرەپ تۇرغان قوينى كۆتۈرگەن ھالدا ئۇچرىشىشىنى كۆرمىگەيمەن،- دېگەندىن كىيىن قولتۇقىنىڭ ئېقى كۆرۈنگىدەك دەرىجىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ، يەتكۈزدۈممۇ؟ دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ خىزمىتىدىن قايتقاندىن كىيىن مەدىنىگە كەلگەندە يېنىدىكى بىر قىسىم نەرسىلەرنى كۆرسۈتۈپ: ئى مۇسۇلمانلار جامائىتى، بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىندى،- دېگەندە، رەسۇلۇللاھ كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى بۇ قىلمىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇنبەر ئۈستىگە چىقىپ، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەقسەتكە كەلسەك، ئاللاھ تائالا مېنى مەسئۇل قىلغان زاكات ۋە غەنىمەتلەر خىزمىتىگە سىلەرنىڭ بىرىڭلارنى تەيىنلىسەم، ئۇ خىزمىتىدىن قايتىپ كەلگەندە: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نەرسىلەر،- دەيدۇ، ئەگەردە ئۇ كىشى سۆزىدە راستچىل بولسا، دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغان بولسا بۇ ھەدىيەلەر ئۇنىڭغا كىلەرمىدى؟ ئې خادىملار! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار خىزمەت جەريانىدا ئۆزىگە بېرىلىدىغان ناھەق بىرەر نەرسىنى ئالسا، قىيامەت كۈنى ئۇنى ئەگەر تۆگە ياكى كالا، ياكى قوي بولغان تەقدىردىمۇ، يەلكىنىگە ئارتقان ھالدا ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىدۇ،- دېدى، ئاندىن ئىككى قولىنى ساھابىلار قولتۇقىنىڭ ئېقىنى كۆرگىچە ئىگىز كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ تائالا يەتكۈزدۈممۇ؟ دېدى

التصنيفات

ھەدىيە-سوۋغا بېرىش, ئالى رەھبەرنىڭ مەجبۇرىيتى