ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ قىيىنلاشتۇرغىن، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن…

ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ قىيىنلاشتۇرغىن، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ ئاسان قىلغىن

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ قىيىنلاشتۇرغىن، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ ئاسان قىلغىن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىدىن چوڭ بولسۇن ياكى كېچىك بولسۇن، ئومۇمغا ئالاقىدار ئىش بولسۇن ياكى شەخسلەرگە ئالاقىدار ئىش بولسۇن قانداق بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلماي، قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالادىن ئۇ كىشىنى قىلغان قىلمىشىنىڭ تۈرىدىن جازالاشنى تىلەپ دۇئا قىلدى. ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىپ، ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان كىشىگە ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئىشلىرىنى ئاسان قىلىدىغانقى توغرىسىدا دۇئا قىلدى.

فوائد الحديث

مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىگە مەسئۇل بولغان كىشىلەرنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

جازا-مۇكاپات قىلىنغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.

مېھرىبانلىق ۋە قاتتىقلىقتا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئۆلچەم بولسا قۇرئان ۋە سۈننەتكە زىت بولمىغان نەرسىدۇر.

التصنيفات

ئالى رەھبەرنىڭ شەرتلىرى, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھېسداشلىقى