ئى ئاللاھ! بىرەر كىشى ئۈممىتىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرغايسەن، كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بىرەر…

ئى ئاللاھ! بىرەر كىشى ئۈممىتىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرغايسەن، كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مېھرىبان بولغايسەن

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ ئۆيىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:«ئى ئاللاھ! بىرەر كىشى ئۈممىتىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرغايسەن، كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مىھرىبانلىق قىلغان بولسا سەنمۇ ئۇنىڭغا مىھرىبان بولغايسەن»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئېگە بولۇش مەسئۇلىيتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا قېيىنچىلىق پەيدا قىلغۇچىلارغا ئاللاھ تائالانىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، ئۇلارغا ئادالەت، ئىنساپ، رەھمەت ۋە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىلارنى شۇنىڭغا ئوخشاش مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، جازا-مۇكاپاتنىڭ ئىش-ھەرىكەتنىڭ تۈرىدىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ

التصنيفات

ئالى رەھبەرنىڭ مەجبۇرىيتى