?سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ

?سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ

ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ رەھبىرى چوڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە پەرزەنتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىڭلار!، ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەمئىيەتتىكى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى ئىكەنلىكى ۋە ھەر بىرىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيتى بار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. باش رەھبەر، ئىمام، يېتەكچى ئاللاھ تائالا مەسئۇل قىلغان دائىرىدە ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، قارشى چىققۇچىلاردىن ھىمايە قىلىش، دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى جىھاد قىلىش ۋە خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى زايە قىلىۋەتمەسلىك قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەر بار. ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدە ئۇلارنىڭ كېرەكلىك ھازىرلىقلىرىنى تەييار قىلىپ بېرىش، ئەدەپ-ئەخلاق، تەلىم-تەربىيە ئۈگىتىش ۋە تۇرمۇشنى چېرايلىق شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇش مەسئۇلىيتى بار. ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدە، ئائىلە ئىشلىرىنى تەرتىپلىك ئىدارە قىلىش، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلەش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇمۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. خىزمەتچى، قۇل ۋە ياللانغان كىشى خوجايىننىڭ مېلىنى ساقلاش، قولىدىكى نەرسىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش، بۇيرۇلغان خىزمەتنى تولۇق ئورۇنداش قاتارلىق ئىشلاردىن مەسئۇل بولىدۇ. ھەر بىر كىشى ئۆز دائىرىسىگە مەسئۇل بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ.

فوائد الحديث

مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنىڭ مەسئۇلىيتى ئومۇم بولۇپ، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ئورنى، مەنسىپى ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويۇنچە سوئال قىلىنىدۇ.

ئايالنىڭ مەسئۇلىتى بەك چوڭ، چۈنكى ئايال ئۆي ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىدۇ، پەرزەنتلەرنى تەربىيلەيدۇ، ئۆزىنىڭ خۇسۇسى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ.

التصنيفات

ئالى رەھبەرنىڭ مەجبۇرىيتى, ئالى رەھبەرنىڭ مەجبۇرىيتى, ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت, ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت, ئەۋلادلارنى تەربىيلەش, ئەۋلادلارنى تەربىيلەش