إعدادات العرض
1- مۆئمىنلەرنىڭ ئىمانى ئەڭ مۇكەممەل بولغانلىرى ئۇنىڭ ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىدۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغانلاردۇر
2- ئەگەر ئەركىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنى ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسا، ئەگەر ئۇ ئايال تونۇر بېشىدا بولسىمۇ كەلسۇن
3- ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار ئۆز پادىسىدىن سورىلىدۇ، باشلىق پادىچىدۇر، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا پادىچى، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆيى ۋە بالىلىرىغا قارىتا پادىچى، شۇڭا ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار پادىسىدىن سورىلىدۇ
4- ئەگەر بىر ئايال بۇ دۇنيادا ئېرىغا ئەزىيەت بەرسە، ئۇ ئەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ھۆر-پەرىلەردىن بولغان ئايالى، ئۇ ئايالغا: ئاللاھ تائالا ساڭا لەنەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمە، ئۇ سېنىڭ قېشىڭدا بىر مېھماندۇر، ئۇ سېنىڭدىن ئايرىلىپ بىزلەرنىڭ قېشىمىزغا كېلىدىغانغا ئازلا ۋاقىت قالدى، دەيدۇ
5- سۈننەتتە، ئەگەر بىر كىشى بىر قىزنى چوكاننىڭ ئۈستىگە ئالسا، قىزنىڭ ياتىقىدا يەتتە كۈن تۇرۇپ ئاندىن كۈنلەرنى تەقسىم قىلىدۇ. ئەگەر چوكاننى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئالسا، ئۇنىڭ ياتىقىدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ ئاندىن كۈنلەرنى تەقسىم قىلىدۇ