ئەگەر بىر ئايال بۇ دۇنيادا ئېرىغا ئەزىيەت بەرسە، ئۇ ئەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ھۆر-پەرىلەردىن بولغان ئايالى، ئۇ ئايالغا: ئاللاھ تائالا ساڭا لەنەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا ئەزىيەت…

ئەگەر بىر ئايال بۇ دۇنيادا ئېرىغا ئەزىيەت بەرسە، ئۇ ئەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ھۆر-پەرىلەردىن بولغان ئايالى، ئۇ ئايالغا: ئاللاھ تائالا ساڭا لەنەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمە، ئۇ سېنىڭ قېشىڭدا بىر مېھماندۇر، ئۇ سېنىڭدىن ئايرىلىپ بىزلەرنىڭ قېشىمىزغا كېلىدىغانغا ئازلا ۋاقىت قالدى، دەيدۇ

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر ئايال بۇ دۇنيادا ئېرىغا ئەزىيەت بەرسە، ئۇ ئەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ھۆر-پەرىلەردىن بولغان ئايالى، ئۇ ئايالغا: ئاللاھ تائالا ساڭا لەنەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمە، ئۇ سېنىڭ قېشىڭدا بىر مېھماندۇر، ئۇ سېنىڭدىن ئايرىلىپ بىزلەرنىڭ قېشىمىزغا كېلىدىغانغا ئازلا ۋاقىت قالدى، دەيدۇ»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارنى دۇنيادا ئەرلىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن چەكلىگەن، چۈنكى ئۇ ئەر دۇنيادا ئۇ ئايالنىڭ قېشىدا مېھماندۇر، پات-يېقىندا دۇنيادىن يۆتكىلىپ ئاخىرەتكە كېلىپ جەننەتكە كېرىدۇ، ۋە ئاخىرەتتىكى ئاياللارنىڭ مېھمىنى بولىدۇ

التصنيفات

ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت