بىر قىسىم ئىقتىسادىڭنى ئېلىپ قال، ئۇ سەن ئۈچۈن ياخشى

بىر قىسىم ئىقتىسادىڭنى ئېلىپ قال، ئۇ سەن ئۈچۈن ياخشى

كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! مەن تەۋبە قىلغانلىقىمدىن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىمنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىۋەتتىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: «بىر قىسىم ئىقتىسادىڭنى ئېلىپ قال، ئۇ سەن ئۈچۈن ياخشى» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزرىسىز ۋە مۇناپىقلىقمۇ قىلماي تەبۇك غازىتىدىن قېلىپ قالغان ئۈچ ساھابىنىڭ بىرى ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇ غازاتتىن قايتقاندا ئۇلارنى بايقۇت قىلدى ۋە ساھابىلارنىمۇ ئۇلارنى بايقۇت قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى، ئۇلار تاكى ئۇلارنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولغانلىقىغا ئايەت نازىل بولۇپ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغان، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلارمۇ ئۇلاردىن رازى بولغانغا قەدەر بۇ ھالدا قالدى، كەئب ئىبنى مالىك تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن رازى بولغانلىقىغا قاتتىق خۇشال بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بارلىق مال-مۈلكىنى سەدىقە قىلىۋېتىشنى ئىرادە قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى بىر قىسىم مىلىنى ئېلىپ قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ چىن نىيىتىنى ۋە تەۋبىسىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلگەنلىكتىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتىۋەتتى. ئاللاھ تائالا ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلمايدۇ. كەئب ئىبنى مالىك ئاللاھ تائالانىڭ رازى بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ، سەدىقىنىڭ ساۋابىغا ئاخىرەتتە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر قىسىم مېلىنى سەدىقە قىلدى، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ خىراجەتلىرى ۋە مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىر قىسىم مېلىنى قالدۇرۇپ قويدى. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر

التصنيفات

قەسەم قىلىش ۋە نەزىر قىلىش, خىراجەت قىلىپ بېرىش, ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى