سەئد ئىبنى ئۇبادە رەسۇلۇللاھتىن ئانىسىنىڭ ئۈستىدە نەزىر روزىسى بار ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىدىن پەتىۋا…

سەئد ئىبنى ئۇبادە رەسۇلۇللاھتىن ئانىسىنىڭ ئۈستىدە نەزىر روزىسى بار ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىدىن پەتىۋا سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: قازاسىنى قىلغىن، دېدى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سەئد ئىبنى ئۇبادە رەسۇلۇللاھتىن ئانىسىنىڭ ئۈستىدە نەزىر روزىسى بار ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىدىن پەتىۋا سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: قازاسىنى قىلغىن، دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

سەئد ئىبنى ئۇبادەنىڭ ئانىسى ۋاپات بولغاندا نەزىر«ۋەدە» قىلغان روزىسىنى تۇتالماي ئۆلۈپ كەتكەن. رەسۇلۇللاھ سەئد ئىبنى ئۇبادەنى ئانىسىنىڭ ئورنىدا ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىغان

التصنيفات

قەسەم قىلىش ۋە نەزىر قىلىش