إعدادات العرض
ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن لەھەد كولاپ: بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى،- دېيىشتى
ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن لەھەد كولاپ: بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى،- دېيىشتى
ئۇبەي ئىبنى كەئىب بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن لەھەد كولاپ: بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى،- دېيىشتى»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الشرح
ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى، يەنى: بىر قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم يۇدى، قەبرە ئورىكىنىڭ يان تەرىپىنى كولاپ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى شۇ يەرگە دەپنە قىلىپ: «بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى» دېيىشتى، يەنى: ئادەم ئەۋلادى دادىسىغا ئوخشاش يۇقارقى شەكىلدە يۇيۇپ دەپنە قىلىنىدۇ، بۇنى ئادەم ئەۋلادىدىن پەقەت توغرا يول تۇتقانلارلا داۋاملاشتۇرىدۇ.