إعدادات العرض
1- ?مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ
2- ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقان چاغدا: ئاۋۇ ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بەرگىن، ئاندىن ساڭا قايتۇرغان سالىمىغا قۇلاق سالغىن، بۇ سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ سالىمىدۇر، دېدى
3- ھەر قانداق ئادەم بالىسى تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇنى تۇتىدۇ، بالا شەيتاننىڭ تۇتىشىدىن قاتتىق يىغلايدۇ، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ سىرتىدا
4- ئەييۇب ئەلەيھىسسالام يالىڭاچ يۇيۇنىۋاتقاندا ئۈستىگە بىر ئالتۇن چىكەتكە چۈشتى
5- ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن لەھەد كولاپ: بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى،- دېيىشتى
6- مۇسا ھەقىقەتەن ئىنتايىن ھايالىق، ھايا قىلغانلىقىدىن بەدىنىنىڭ ھېچ يېرى كۆرۈنمىگۈدەك ياپىدىغان كىشى ئىدى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن ئۇنىڭغا ئازار بەرگەنلەر شۇ سەۋەپتىن ئازار بەردى
7- بىرەر بەندە مېنى يۇنۇس ئىبنى مەتتادىن ياخشى دېسە بولمايدۇ