إعدادات العرض
مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى…
مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ».
الترجمة
ar en my sv cs gu yo ur id si hi ha sw ps as prs ky or tr vi ne rw te bs lt ro ml nl so sr ku uk de kn wo mos sq pt ka az zh hu fa mk ta bn ru am mg omالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىيسا ئەلەيھىسسامنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بىلەن ئادىل ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن چۈشىدىغان ۋاقتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام خىرىستىيانلار ئۇلۇغلايدىغان كېرست بەلگىسىنى سۈندۇرىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام باجنى بىكار قىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام دىنىغا كېرىشكە يۈزلەندۈرىدۇ. مال-دۇنيا بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ قولىدىكى بايلىق بىلەن بىھاجەت بولۇپ، بەرەكەتلەر چۈشۈپ، ياخشىلىق بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىۋاتقاچقا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم تېپىلمايدۇ.فوائد الحديث
ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش، بۇ بولسا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنى باشقا بىر شەرىئەت ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ.
ئاخىر زاماندا كىشىلەر زاھىد بولماقلىق بىلەن(دۇنياغا بېرىلمەسلىك بىلەن) مالدا بەرىكەت كۆپ بولىدۇ.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا ئىسلام دىنى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانقى، ئىسلام دىنىنىڭ قىيامەتكىچە باقى قالىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر.