قۇرئان كەرىمنى قەلبىڭلار مايىل بولغاندا ئوقۇڭلار، قەلبىڭلار مايىل بولمىغاندا قۇرئان ئوقۇشتىن تۇرۇپ كىتىڭلار

قۇرئان كەرىمنى قەلبىڭلار مايىل بولغاندا ئوقۇڭلار، قەلبىڭلار مايىل بولمىغاندا قۇرئان ئوقۇشتىن تۇرۇپ كىتىڭلار

جۇندۇپ ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمنى قەلبىڭلار مايىل بولغاندا ئوقۇڭلار، قەلبىڭلار مايىل بولمىغاندا (يەنى چۈشىنىشتە ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار) قۇرئان ئوقۇشتىن تۇرۇپ كىتىڭلار»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: قەلبىڭلار قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈش ۋە ئوقۇشقا مايىل بولغاندا ئوقۇڭلار، قەلبىڭلار قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈش ۋە ئوقۇشقا مايىل بولمىغان ۋاقىتتا، مايىل بولماسلىقنىڭ يامانلىققا ئېلىپ بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇشتىن تۇرۇپ كىتىڭلار، بۇنىڭ بىر مەنىسى: قۇرئان كەرىمدىن ھۆكمى ئېنىق بولغان ئايەتلەرگە چىڭ ئېسىلىڭلار، ئىختىلاپقا ئېلىپ بارىدىغان مۇتەشابىھ ئايەتلىرى كەلسە، ئۇنىڭغا چوڭقۇر چۆكۈشتىن يېراق بولۇڭلار دېگەن بولىدۇ. يەنە بىر مەنىسى: قەلبىڭلار قۇرئان ئوقۇشقا يۈزلەنگەندە ئوقۇڭلار، زېرىكىش ۋە مايىل بولماسلىق ھالەتلىرى بولۇپ قالسا، تۇرۇپ كېتىپ جۇشقۇن ۋە قەلبىڭلار مايىل بولغاندا ئوقۇشقا يۈزلىنىڭلار دېگەن بولىدۇ. نامازدىمۇ ئىش مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ، دەسلەپكى مەنىسىنىڭ توغرا بولۇش ئىھتىمالغا يىقىندۇر

التصنيفات

قۇرئان كىرىمنى تىلاۋەت قىلىش ۋە ياد قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى