ئى ئاللاھ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىمۇ ياخشى كۆرگىن

ئى ئاللاھ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىمۇ ياخشى كۆرگىن

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن مەدىنىنىڭ بازارلىرىدىن بىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتقاندا بىرگە قايتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ قېتىم: «نەۋرەم قېنى؟، ھەسەن ئىبنى ئەلىنى چاقىرغىن» دېدى، ھەسەن ئىبنى ئەلى بوينىغا بويۇنچۇق ئاسقان ھالەتتە كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غۇلىچىنى ئاچتى، ھەسەن ئىبنى ئەلىمۇ غۇلىچىنى ئاچتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىمۇ ياخشى كۆرگىن» دېدى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماڭا ھېچ كىشى ھەسەن ئىبنى ئەلىدەك ياخشى كۆرۈلىدىغان بولمىدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەدىنىنىڭ بازىرىدا بىللە ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بازاردىن قايتقاندا بىرگە قايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە كېلىپ ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سوراپ: «نەۋرەم قېنى؟ ئۇنى ماڭا چاقىرىپ بېرىڭلار» دېدى، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېڭىپ كەلدى، ئۇنىڭ بوينىغا بويۇنچۇق ئېسىقلىق ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قۇچاقلاش ئۈچۈن غۇلىچىنى يايدى، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ قولىنى سۇندى، ئىككەيلەن قۇچاقلاشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىمۇ ياخشى كۆرگىن» دېدى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماڭا ھېچ كىشى ھەسەن ئىبنى ئەلىدەك ياخشى كۆرۈلىدىغان بولمىدى

التصنيفات

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى توغىرىسىدىكى كۆز قاراش, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى