ۋىتىر نامىزى بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش كەسكىن پەرز قىلىنمىغان، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەتتۇر

ۋىتىر نامىزى بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش كەسكىن پەرز قىلىنمىغان، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەتتۇر

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ۋىتىر نامىزى بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش كەسكىن پەرز قىلىنمىغان، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەتتۇر»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ۋىتىر نامىزى بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش پەرز ئەمەس، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەت نامازلاردىندۇر. يەنى: ۋىتىر نامىزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويدى، لېكىن ئۇنىڭ ۋاجىبلىقىنى كىسىنلەشتۈرمىدى، بۇ نامازنىڭ ھەدىستىكى: "ئۇنىڭ ۋاجىبلىقىنى كىسىنلەشتۈرمىدى" دېگەن سۆزدىن ئىپادىلىنىدۇ. ۋىتىر نامىزى مۇستەھەب ياكى سۈننەت نامازلاردىن ھېسابلىنىدۇ

التصنيفات

نەپلە ناماز