ۋىتىر نامىزى ئوقۇماي ئۇخلاپ قالغان ياكى ۋىتىر نامىزىنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئېسىگە يەتكەندە ئوقۇسۇن

ۋىتىر نامىزى ئوقۇماي ئۇخلاپ قالغان ياكى ۋىتىر نامىزىنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئېسىگە يەتكەندە ئوقۇسۇن

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ۋىتىر نامىزى ئوقۇماي ئۇخلاپ قالغان ياكى ۋىتىر نامىزىنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئېسىگە يەتكەندە ئوقۇسۇن»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

تاڭ يورۇغىچە ۋىتىر نامىزى ئوقۇماي ئۇخلاپ قالغان ياكى ۋىتىر نامىزى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى، تاڭ يورۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ۋىتىر نامىزىنىڭ قازاسىنى ئەمەس بەلكى ئۆزىنى ئوقۇۋالسۇن. بۇ ھەدىس: ئۇخلاپ قالغان ياكى ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ شەرىئەت ئېتىبارغا ئالىدىغان ئۆزۈر بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋىتىر نامىزىنى تاڭ يورۇپ بولغاندىن كېيىن بولسىمۇ ئوقۇشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ

التصنيفات

كېچىلىك ناماز