ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەمىلى ئۆلۈم بىلەن ئۈزىلىدۇ، پەقەت ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىد بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمىلى قىيامەت كۈنىگىچە كۆپىيىدۇ ۋە قەبرە پىتنىسىدىن…

ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەمىلى ئۆلۈم بىلەن ئۈزىلىدۇ، پەقەت ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىد بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمىلى قىيامەت كۈنىگىچە كۆپىيىدۇ ۋە قەبرە پىتنىسىدىن خاتىرجەم بولىدۇ

فۇزالە ئىبنى ئۇبەيىد، سەلمان ئەلفارىسي ۋە ئۇقبە ئىبنى ئامىرلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەمىلى ئۆلۈم بىلەن ئۈزىلىدۇ، پەقەت ئاللاھ يولىدىكى مۇھاپىزەتچى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمىلى قىيامەت كۈنىگىچە كۆپىيىدۇ ۋە قەبرە ئازابىدىن خاتىرجەم بولىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەر بىر كىشىنىڭ ئەمىلى ئۆلۈم بىلەن ئۈزىلىپ، ئۇنىڭغا يېڭىدىن ئەجىر يېزىلمايدۇ، پەقەت ئاللاھ يولىدا مۇسۇلمانلارنىڭ چىگراسىنى قوغدايدىغان مۇھاپىزەتچى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ئىززەتلەپ ئۇنىڭ ساۋابىنى ئۈزلۈكسىز يازىدۇ. ئۇ قەبرە پىتنىسىدىن خاتىرجەم بولىدۇ، ئىككى پەرىشتە ئۇنى سوراققا تارىتمايدۇ

التصنيفات

جىھادنىڭ پەزىلىتى