إعدادات العرض
ئاللاھ ئۆز يولىدا جىھاد قىلغۇچىغا ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى غەنىمەت ياكى ساۋاب بىلەن سالامەت قايتۇرۇشقا كېپىل بولدى
ئاللاھ ئۆز يولىدا جىھاد قىلغۇچىغا ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى غەنىمەت ياكى ساۋاب بىلەن سالامەت قايتۇرۇشقا كېپىل بولدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئاللاھ ئۆز يولىدا چىققان كىشىگە قارىتا: «ماڭا ئىشىنىپ ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى تەسدىقلاپ، مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن چىققان كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى ئىرىشكەن ساۋابى ۋە غەنىمەت بىلەن ئۆيىگە سالامەت قايتۇرۇشقا كېپىل بولىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتىدە: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشىنىڭ مىسالى - ئاللاھ ئۆز يولىدا جىھاد قىلغۇچىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر - كېچىسى بىدار تۇرۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتقۇچىغا ئوخشايدۇ، مۇجاھىد ئەگەر جەڭدە شېھىد بولسا ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى ساۋاپ بىلەن ياكى غەنىمەت بىلەن سالامەت قايتۇرۇشقا كېپىل بولدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان]
الترجمة
العربية Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tagalog Português മലയാളം Kurdîالشرح
بۇ ھەدىستە ئاللاھ يولىدا چىققان كىشىگە ئاللاھنىڭ كاپالىتى بارلىقى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئۈچ ئىشتىن بىرگە ياكى ئىككىگە كىپىل بولغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن چىققان كىشى ئەگەر جەڭدە شېھىد بولسا ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە، ھايات قالسا ساۋاپ ياكى غەنىمەت بىلەن، يەنى غەنىمەتسىز ساۋاپ ياكى ھەر ئىككىلىسى بىلەن قايتۇرۇشقا كېپىل بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىككىنچى ھەدىسنى «ئۇمدەتۇل ئەھكام» نىڭ مۇئەللىىپى ئىمام مۇسلىمغا تۇتاشتۇرغان، بىرلىككە كەلگەن ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىستە جىھادنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان: مەسجىدكە كىرىپ، ناماز ئوقۇش، كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كىچىسى تۇرۇپ ئىبادەت قىلىشتەك ئىشلارنى ئىزچىل قىلىشقا ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدىغانلىقى تىلغا ئىلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەر بۇنى قىلالمايسىلەر» دېگەنالتصنيفات
جىھادنىڭ پەزىلىتى