شېرىكچىلىكى بولغان قۇلدىن ئۆز ھەسسىسىنى ئازات قىلىۋەتكەن كىشىنىڭ شۇ قۇلنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ سېتىۋالغۇدەك ئىقتىسادى بولسا، توغرا باھالايدىغان كىشىلەر قۇلغا باھا…

شېرىكچىلىكى بولغان قۇلدىن ئۆز ھەسسىسىنى ئازات قىلىۋەتكەن كىشىنىڭ شۇ قۇلنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ سېتىۋالغۇدەك ئىقتىسادى بولسا، توغرا باھالايدىغان كىشىلەر قۇلغا باھا قويۇپ بەرسۇن، ئۇ كىشى شېرىكلىرىگە ھەققىنى بېرىپ ئۇ قۇلنى تولۇق ئازات قىلىۋەتسۇن

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شېرىكچىلىكى بولغان قۇلدىن ئۆز ھەسسىسىنى ئازات قىلىۋەتكەن كىشىنىڭ شۇ قۇلنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ سېتىۋالغۇدەك ئىقتىسادى بولسا، توغرا باھالايدىغان كىشىلەر قۇلغا باھا قويۇپ بەرسۇن، ئۇ كىشى شېرىكلىرىگە ھەققىنى بېرىپ ئۇ قۇلنى تولۇق ئازات قىلىۋەتسۇن»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئازراق بولسىمۇ بىر قۇلغا ياكى بىر دېدەككە شېرىك بولغان كىشى ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى ئازات قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئىقتىسادى بولسا، شېرىكلىرىگە قۇلنىڭ قالغان ھەسسىسىنى بېرىشكە قادىر بولسا، قۇلنىڭ نەرقىنى بازار بويىچە ھېسابلاپ شېرىكلىرىگە ھەققىنى بېرىپ، ئۇ قۇلنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ ئازاد قىلىۋەتسۇن، ئەگەر ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمىسە شېرىكىگە زىيان يەتكۈزمەستىن ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئازاد قىلىش بىلەن كۇپايىلەنسۇن، شېرىكىنىڭ ھەسسىسىدە قۇللۇق ھالىتىدە قالىدۇ

التصنيفات

قۇل ئازات قىلىش