إعدادات العرض
ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ بىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاپ قالسا بولامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئەگەر تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇخلىسۇن، دېدى
ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ بىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاپ قالسا بولامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئەگەر تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇخلىسۇن، دېدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ بىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاپ قالساق بولامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئەگەر تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇخلىسۇن، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Hausa Português Kurdî മലയാളം Kiswahiliالشرح
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەگەر بىزنىڭ بىرىمىز كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە جۇنۇپ بولۇپ قالسا، مەسىلەن: ئايالى بىلەن بىريەردە بولسا، گەرچە سپېرما كەلمىسىمۇ ياكى ئېھتىلام بولۇپ قالسا، ئۇ جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلىسا بولامدۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بۇ ئىشتا رۇخسەت بەردى، ئەمما بىر شەرت: بۇ چوڭ تاھارەتسىزلىكنى كىچىك تاھارەت ئېلىش بىلەن يەڭگىللىتىش كېرەك. شۇ چاغدا ئاشۇنداق جۇنۇپلۇق بىلەن تۇرۇقلۇق ئۇخلىسا ھېچقىسى يوقالتصنيفات
ئۇخلاش ۋە ئويغۇنۇش ئەخلاقى