إعدادات العرض
1- ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ بىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاپ قالسا بولامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئەگەر تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇخلىسۇن، دېدى
2- بىرىڭلار تاھارەت ئالسا بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئاندىن ئۇنى چىقارسۇن، ئىستىنجا قىلسا تاق چالمىدا قىلسۇن، بىرڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا قولىنى سۇغا تىقىشتىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتسۇن، چۈنكى بىرىڭلار كىچىدىن قولىنىڭ نەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەيدۇ
3- سىلەر ئۇخلايدىغان چاغدا ئۆيۈڭلاردىكى ئوتنى ئۆچۈرىۋىتىڭلار
4- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كېچىسى ياتىدىغان ئورنىغا كەلگەندە، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەپ ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس