?سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئالغاندا، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئېچىگە تارتىپ بۇرنىنى تازىلاپ سىرتقا چىقىرۋەتسۇن، ئىستىنجا قىلغان كىشى تاق قىلسۇن

?سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئالغاندا، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئېچىگە تارتىپ بۇرنىنى تازىلاپ سىرتقا چىقىرۋەتسۇن، ئىستىنجا قىلغان كىشى تاق قىلسۇن

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئالغاندا، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئېچىگە تارتىپ بۇرنىنى تازىلاپ سىرتقا چىقىرۋەتسۇن، ئىستىنجا قىلغان كىشى تاق قىلسۇن، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، قولىنى تاھارەت ئالىدىغان سۇ بار قاچىغا سىلىشتىن بۇرۇن قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە قەيەرلەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ». مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، قولىنى ئۈچ قېتىم يۇماستىن تاھارەت ئالىدىغان سۇ بار قاچىغا كىرگۈزمىسۇن، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە قەيەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ» دېيىلگەن.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەتكە ئالاقىدار بەزى ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ ھۆكۈملەردىن: بىرىنچى: تاھارەت ئالغان كىشى نەپەس بىلەن بۇرنىغا سۇ كىرگۈزۈپ ئاندىن بۇرنىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇ سۇنى يەنە نەپەس بىلەن چېقىرىۋېتىدۇ. ئىككىنچى: ئۆزىدىن چىققان ئەزىيەتلەرنى سۇدىن باشقا تاش، چالما قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن تازىلىماقچى بولغان كىشى ئ‍ۇ ئورۇننى تاق شەكىلدە يەنى ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ قېتىم تازىلىشى كېرەك، يەنى نىجاسەت چىققان ئورۇن پاكىز بولغانغا قەدەر تازىلايدۇ. ئۈچىنچى: كېچىدە ئۇيقۇدىن ئويغانغان كىشى تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ئىككى قولىنى سۇ بار قاچىغا كىرگۈزۈشتىن ئىلگىرى قاچىنىڭ سىرتىدا سۇ قۇيۇپ ئۈچ قېتىم يۇيىۋېتىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە نەلەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، قولىنىڭ پاكىزلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايدۇ، بەزى ۋاقىتتا شەيتان ئۇ كىشىنىڭ قولىنى ئوينايدۇ، قولىدا ئىنسانغا زىيانلىق ياكى سۇنى بۇزىدىغان بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ.

فوائد الحديث

تاھارەت ئالغاندا نەپەس ئارقىلىق بۇرنىغا سۇ كىرگۈزۈپ تازىلاپ بولغاندىن كېيىن يەنە نەپەس ئارقىلىق چېقىرۋېتىش ۋاجىپ بولىدۇ.

ئىستىنجانى تاق قىلىش ياخشى بولىدۇ.

كېچىدە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا قولىنى سۇغا تىقىشتىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم يۇيىۋېتىش كېرەك.

التصنيفات

ھاجەت ئادا قىلىشنىڭ ئەخلاقى, ھاجەت ئادا قىلىشنىڭ ئەخلاقى, تەرەت ئېلىش, تەرەت ئېلىش, ئۇخلاش ۋە ئويغۇنۇش ئەخلاقى, ئۇخلاش ۋە ئويغۇنۇش ئەخلاقى