تەرەت ئېلىش

تەرەت ئېلىش

16- «مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ» كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە راۋى بۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ ئىككى قولىنى مۆرىسىگە يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى پاقالچىقىغا يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدى: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. «كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرلىرىنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن» دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قىيامەت كۈنى مۆمىننىڭ زىينىتى تاھارەتنى قەيەرگىچە ئالغان بولسا شۇ يەرگىچە بولىدۇ