?سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورسىقىدا بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلسا، يەل چېقىپ كەتتىمۇ ياكى چېقىپ كەتمىدىمۇ بۇنى بىلەلمىسە، يەلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ياكى پۇرىقىنى پۇرىغانغا…

?سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورسىقىدا بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلسا، يەل چېقىپ كەتتىمۇ ياكى چېقىپ كەتمىدىمۇ بۇنى بىلەلمىسە، يەلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ياكى پۇرىقىنى پۇرىغانغا قەدەر مەسچىتتىن چېقىپ كەتمىسۇن

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورسىقىدا بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلسا، يەل چېقىپ كەتتىمۇ ياكى چېقىپ كەتمىدىمۇ بۇنى بىلەلمىسە، يەلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ياكى پۇرىقىنى پۇرىغانغا قەدەر مەسچىتتىن چېقىپ كەتمىسۇن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ قورسىقىدا ئاغرىق بولۇپ، ئىككىلىنىپ يەل چېقتىمۇ ياكى چىقمىدىمۇ بۇنى ئېنىق بىلەلمىسە، يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن نامىزىنى بۇزۇپ چېقىپ كەتمىسۇن. ھەتتا تاھارەتنى بۇزىۋاتىدىغان، يەلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياكى پۇرىقىنى پۇرىمىغۇچە تاھارەت يېڭىلاش ئۈچۈن چېقمىسۇن. چۈنكى ئۇنىڭ تاھارىتىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقى ئىشەنچ بىلەن، تاھارەتنىڭ بۇزۇلغانلىقى بولسا شەك بىلەن بولۇپ، شەك ئىشەنچنى بىكار قىلىۋېتەلمەيدۇ دېگەننى بايان قىلىپ بەردى.

فوائد الحديث

بۇ ھەدىس ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىر ئاساس ۋە پىقھى قائىدىلەردىن بىر قائىدىدۇر. ئۇ بولسىمۇ: ئىشەنچ شەك بىلەن يوقالمايدۇ، ھەر نەرسىنىڭ ئەسلى ئۇنىڭ قارشىسىدىكى نەرسە ئىسپاتلانغانغا قەدەر ئەسلى بويۇنچە قالىدۇ.

ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچى تاھارىتى بۇزۇلغانغا ئىشەنچ قىلالمىسا، ئۇ كىشى تاھارىتى بۇزۇلغانغا قەدەر ئۆزىنىڭ تاھارىتى بولغان ھالىتىدە قالىدۇ، شەك تاھارەتكە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

التصنيفات

ئۇسۇل ۋە پىقھى قائىدىلىرى, ئۇسۇل ۋە پىقھى قائىدىلىرى, تەرەتنى بۇزىۋېتىدىغان ئىشلار, تەرەتنى بۇزىۋېتىدىغان ئىشلار