كىمكى مەن تاھارەت ئالغاندەك مۇشۇنداق تاھارەت ئالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلىگە باشقا ئىشلارنى كەلتۈرمەي ئاللاھ ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ…

كىمكى مەن تاھارەت ئالغاندەك مۇشۇنداق تاھارەت ئالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلىگە باشقا ئىشلارنى كەلتۈرمەي ئاللاھ ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ

ئوسمان ئىبنى ئەپپاننىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن خىزمەتچىسى ھۇمراندىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى ئوسمان ئىبنى ئەپپاننىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقان ھالىتىنى كۆردى. تاھارەت ئالىدىغان سۇنى كەلتۈردى، قاچىدىن قولىغا سۇنى قۇيۇپ ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولىنى سۇ بار قاچىغا سېلىپ سۇ ئېلىپ ئېغىزىنى چايقىدى، بۇرنىغا سۇ ئالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئىككى قولىنى جەينەك بىلەن قېتىپ ئۈچ قېتىمدىن يۇدى، ئۇنىڭدىن كېيىن بېشىغا مەسىھ قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر پۇتىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھازىر مەن تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەن ئېدىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: « كىمكى مەن تاھارەت ئالغاندەك مۇشۇنداق تاھارەت ئالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلىگە باشقا ئىشلارنى كەلتۈرمەي ئاللاھ ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئېلىش سۈپەتلىرىنى ئېنىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن ئۈگەتتى: بىر قاچىدا سۇ ئەكەلدۈردى، قاچىدىن قولىغا سۇ قۇيۇپ ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولىنى قاچىغا تىقىپ سۇ ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئېغىزىنى چايقاپ چىقىرىۋەتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن بۇرنىغا سۇ ئىلىپ بۇرنىنى تازىلاپ چېقىرۋەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئىككى قولىنى ئىككى جەينىكى بىلەن ئۈچ قېتىمدىن يۇدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھۆل قولى بىلەن بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پۇتىنى ئىككى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ئۈچ قېتىمدىن يۇدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئۆزى تاھارەت ئالغاندەك مۇشۇنداق تاھارەت ئالغانلىقىنى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداق تاھارەت ئالغان كىشىگە، تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھۇزۇرى دىل بىلەن خالىس ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مۇشۇ كامىل ئالغان تاھارەت، خالىس ئادا قىلغان نامازغا ئاساسەن ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىش بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقى بىلەن خۇش بېشارەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

فوائد الحديث

تاھارەتنىڭ ئەۋۋىلىدە گەرچە ئۇيقۇدىن تۇرمىغان بولسىمۇ قولىنى سۇ قاچىسىغا كېرگۈزۈشتىن ئىلگىرى ئىككى قولىنى يۇيىۋېتىشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى، ئەمما ئۇيقىدىن ئويغانغان كىشىنىڭ يۇيىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا دەرىسنى چۈشەندۈرۈشتە ئوقۇغۇچىنىڭ ئېسىدە قالىدىغان ۋە چۈشىنىشى پۇختا بولىدىغان يولنى تاللىشى كېرەك بولىدۇ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تەلىم بېرىشمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

نامازخان نامازنىڭ مۇكەممەل ۋە تولۇق ئادا بولىشى، نامازنى ھوزۇرى دىل بىلەن ئادا قىلىشى ئۈچۈن نامازغا تۇرغاندا كۆڭلىدىن دۇنياغا ئالاقىدار ئىشلارنى چېقىرۋېتىشى كېرەك. نامازدا تۈرلۈك پىكىرلەرنىڭ كۆڭلىگە كېلىپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نامازدىن بۇرۇن قەلبىنى ئىبادەتكە ھازىر تۇتۇشى لازىم.

تاھارەتتە ئوڭدىن باشلاش ياخشىدۇر.

ئېغىزىنى چايقاش بۇرنىغا سۇ كىرگۈزۈش ۋە چېقىرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئارىسىنى تەرتىپ بىلەن قىلىش يولغا قويۇلغاندۇر.

يۈز، ئىككى قول ۋە ئىككى پۇتنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش مۇستەھەبتۇر. بىر قېتىملا يۇيۇش ۋاجىپتۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىىركى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىشى ئىككى ئىشقا مەركەزلىشىدۇ: يۇقىرىقى ھەدىستە بايان قىلىنغان سۈپەت بويۇنچە تاھارەت ئېلىش ۋە ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

تاھارەتتە يۇيىدىغان ھەر بىر ئەزانىڭ بەلگىلىمىسى بار: يۈزىنىڭ بەلگىلىمىسى ئۇزۇنلۇقتا: ئادەتتە بېشىنىڭ چاچ ئۈنگەن يېرىدىن باشلاپ ساقالدىن ۋە ئېگەكنىڭ ئاستىغىچە، توغىرلىقتا: ئىككى قۇلاقنىڭ ئارىسى، قولنىڭ بەلگىلىمىسى: قولىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدىن جەينىكى بىلەن قېتىپ، باشنىڭ بەلگىلىمىسى: ئادەتتە يۈزى تەرەپتىن چاچ ئۈنگەن ئورۇندىن باشلاپ گەدەننىڭ ئۇستۈن تەرىپىگىچە، قۇلاققا مەسىھ قىلىش باشنىڭ جۈملىسىدىن، پۇتنىڭ بەلگىلىمىسى: ئىككى پۇتى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ تولۇق يۇيۇلىدۇ.

التصنيفات

تەرەتنىڭ سۈپەتلىرى, تەرەتنىڭ سۈپەتلىرى