بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تىرناقچىلىك ئورۇننى چالا قويدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئۇ كىشىگە:« قايتىپ تاھارەتنى چېرايلىق، تولۇق…

بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تىرناقچىلىك ئورۇننى چالا قويدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئۇ كىشىگە:« قايتىپ تاھارەتنى چېرايلىق، تولۇق ئالغىن»دېدى، ئۇ كىشى قايتا تاھارەت ئىلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلدى

جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر قىلدى: بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تىرناقچىلىك ئورۇننى چالا قويدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئۇ كىشىگە:« قايتىپ تاھارەتنى چېرايلىق، تولۇق ئالغىن»دېدى، ئۇ كىشى قايتا تاھارەت ئىلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ : بىر كىشىنىڭ تاھارەت ئىلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تىرناقچىلىك ئورۇنغا سۇ تەگمىگەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە پۇتىنىڭ سۇ تەگمىگەن ئورۇننى ئىشارەت قىلىپ: قايتىپ تاھارەتنى تولۇق ئىلىپ، ھەممە ئەزاغا سۇدىن ھەققنى بەرگىن دەيدۇ. ئۇ كىشى قايتىپ تاھارەتنى كامىل ئېلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلىدۇ.

فوائد الحديث

ياخشىلىققا بۇيرۇشقا، ناداننى، غاپىلنى، جاھىلنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە ئالدىراشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ ئىبادەتكە بۇزۇلۇش تەرتىپ بېرىلىدىغان مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشكە بەك ئالدىراش كېرەك.

تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى سۇ بىلەن تولۇق يۇيۇش ۋاجىپ، ئەگەر ئۇ ئەزالىرىدىن بەزىسىنى ياكى ئازراق بىر يېرىنى يۇماي قويسا ئالغان تاھارەتنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى، ئەگەر ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەن بولسا تاھارەتنى قايتىدىن ئېلىش كېرەكلىكى بايان قىلىنىدۇ.

تاھارەتنى چېرايلىق ئېلىش يولغا قويۇلغان، ئۇ بولسىمۇ: شەرىئەتتە بۇيرىغان يول بويىنچە مۇكەممەل، كامىل ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىككى قەدەممۇ تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالاردىن، ئۇ ئىككىسىگە مەسىھ قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ بەلكى تولۇق يۇيۇش كېرەك.

تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالارنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۈزۈلدۈرمەي يۇيۇش كېرەك، كىيىنكى ئەزانى ئۇنىڭدىن بۇرۇن يۇغان ئەزا قۇرۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى يۇيۇش كېرەك.

بىلمەسلىك ۋە ئۇنتۇپ قىلىش ۋاجىپنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ، پەقەت گۇناھنى يوق قىلىدۇ، بۇ كىشى بىلمەسلىكتىن تاھارەتنى كامىل ئالمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن ۋاجىپنى چۈشۈرۋەتمىگەن ئۇ بولسىمۇ تاھارەتتىن ئىبارەتتۇر. شۇنداقلا ئۇنى قايتىدىن تاھارەت ئىلىشقا بۇيرىغان.

التصنيفات

تەرەتنىڭ پەرىزلىرى, تەرەتنىڭ پەرىزلىرى