، ئۇ كىشى ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ

، ئۇ كىشى ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ

يەھيا بىن ئەمارەتە مازىنىي مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەمىر بىن ئەبى ھەسەننىڭ ئابدۇللاھ بىن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق تاھارەت ئالىدىغانلىقىنى سورىغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم، ئابدۇللاھ بىن زەيىدكە بىر قاچىدا سۇ كەلتۈردى، ئۇ كىشى ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالغىنىدەك تاھارەت ئىلىپ كۆرسەتتى، قاچىدىن سۇ قۇيۇپ ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن قولىنى قاچىغا سېلىپ سۇ ئېلىپ، ئۈچ قېتىمدىن ئېغىزىغا سۇ ئېلىپ چايقاپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلىدى، ئاندىن قولىنى قاچىغا سېلىپ سۇ ئېلىپ يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن ئىككى قولىنى جەينىكى بىلەن قېتىپ ئىككى قېتىمدىن يۇدى، ئاندىن قولىنى قاچىغا كىرگۈزۈپ بېشىغا مەسىھ قىلدى، بېشىنىڭ ئالدىدىن باشلاپ كەينىگىچە بىر قېتىم مەسىھ قىلدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى ھوشۇقىغىچە قېتىپ ئۈچ قېتىم يۇدى»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئابدۇللاھ بىن زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق تاھارەت ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. كېچىك قاچىدا سۇ كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، دەسلەپتە ئىككى ئالقىنىنى يۇيۇشتىن باشلىدى، ئاندىن قاچىنى يانتۇ قىلىپ سۇنى قويۇپ ئىككى قولىنى قاچىنىڭ سىرتىدا ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا كىرگۈزۈپ ئۇنىڭدىن ئۈچ ئۇۋۇچ سۇ ئېلىپ ھەر بىر ئۇۋۇچ سۇ بىلەن بىر قېتىم ئېغىزىغا سۇ ئىلىپ چايقاپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلىدى. ئاندىن سۇنى ئۇۋۇچلاپ ئېلىپ يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن ئۇۋۇچلاپ سۇ ئىلىپ ئىككى قولىنى ئىككى جەينىكى بىلەن قېتىپ ئىككى قېتىمدىن يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا كىرگۈزۈپ ئىككى قولى بىلەن بېشىغا مەسىھ قىلدى، بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلاپ گەردىنىگىچە يەتكۈزدى ئاندىن كەينىگە قايتۇرۇپ بېشىدىن مەسىھنى باشلىغان ئورۇنغا يەتكۈزدى. ئاندىن ئىككى پۇتىنى ئىككى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ئۈچ قېتىم يۇدى.

فوائد الحديث

ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەرىكىتى چۈشۈنۈشكە ۋە ئىلىمنىڭ قەلبتە ئ‍ورنىشى ئۈچۈن ئەڭ يېقىن ۋاستىدۇر، ئەمەلىي تەلىم بېرىشمۇ مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

تاھارەت ئالغاندا بەزى ئەزالارنى ئۈچ قېتىمدىن، بەزى ئەزالارنى ئىككى قېتىمدىن يۇيۇش دۇرۇس بولىدۇ، بىر قېتىمدىن يۇيۇش ۋاجىپتۇر.

ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، تاھارەت ئالغاندا ئەزالارنىڭ ئارىسىنى تەرتىپ بىلەن يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ.

يۈزنىڭ دائىرىسى: ئۇزۇنلۇقتا باشنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى چاچ ئۈنگەن ئورۇندىن ئىڭەك ۋە ساقال يەتكەن ئورۇنغىچە، توغۇرلۇقتا: ئىككى قۇلاقنىڭ ئارىسىدۇر.

التصنيفات

تەرەتنىڭ سۈپەتلىرى, تەرەتنىڭ سۈپەتلىرى