إعدادات العرض
ھەقىقەتەن ئىككى كۆز مەقەتنىڭ ئېغىزىدۇر، ئەگەر ئىككى كۆز ئۇخلىسا، ئېغىز ئېچىلىپ كېتىدۇ
ھەقىقەتەن ئىككى كۆز مەقەتنىڭ ئېغىزىدۇر، ئەگەر ئىككى كۆز ئۇخلىسا، ئېغىز ئېچىلىپ كېتىدۇ
مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ھەقىقەتەن ئىككى كۆز مەقەتنىڭ ئېغىزىدۇر، ئەگەر ئىككى كۆز ئۇخلىسا ئېغىز ئېچىلىپ كېتىدۇ»
[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt Hausaالشرح
بۇ ئىككى كۆز مەقەتنىڭ ئېغىزى دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى: يەنى ئىككى كۆز ئويغاق ھالەتتە مەقەتنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشدىن چەكلەيدۇ، ئەگەر بىر نەرسە چىقىپ قالسا، ئىنسان بۇنى سىزەلەيدۇ. ئىككى كۆز ئۇخلىغاندا ئېغىز ئېچىلىدۇ، يەنى ئىنسان ئۇخلىغان ۋاقتىدا بەدەندىكى پەيلىرى بوشايدۇ، مەقەتنىڭ ئېغىزىنى تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچا يېشىلىدۇ، ئىنسان ئۇنى سەزمەستىنلا، ئۇنىڭدىن يەل چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆزنى قاچىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچىغا ئوخشاتتى، ئىككى كۆز ئوچۇق بولغان ۋاقىتتا ئارغامچا مەقەتنىڭ ئېغىزىدا چىڭ بولىدۇ، مەقەتتىن بىر نەرسە چىقسا، بۇنى سېزىدۇ، ئەگەر ئىككى كۆز ئۇخلىسا ئېغىز ئېچىلىپ، تۇلۇمنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر چىققىنىنى سەزمەستىن چىقىپ كېتىدۇ، بۇ ئوخشۇتۇشتۇر، زېھىنلەرگە شەرئىي ھۆكۈمنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئالاھىدە ئوخشۇتۇش بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ئاز سۆز بىلەن كۆپ مەنا ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنىڭ جۇغلانمىسى قاتارىدىندۇرالتصنيفات
تەرەتنى بۇزىۋېتىدىغان ئىشلار