إعدادات العرض
كىمكى تاھارەت ئالغاندا مۇكەممەل ،تولۇق ئالسا، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ…
كىمكى تاھارەت ئالغاندا مۇكەممەل ،تولۇق ئالسا، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ
ئوسمان بىن ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى تاھارەت ئالغاندا مۇكەممەل ،تولۇق ئالسا، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ».
الترجمة
العربية Bosanski English فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी বাংলা Español Kurdî Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் සිංහල မြန်မာ ไทย Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Hausa دری Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda नेपाली Српски Soomaali Moore Українська Български Tagalog Wolof Azərbaycan ქართული тоҷикӣ bm Македонскиالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغان كىشى تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى، ئەدەپلىرىگە رىئايە قىلىپ مۇكەممەل ئالسا، بۇ ناچارلىق ۋە خاتالىقلارنىڭ ئۆچۈرلىشى ۋە يوق بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، ھەتتا قولى ۋە پۇتىنىڭ تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ.فوائد الحديث
تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى، ئەدەپلىرىنى ئۈگىنىشكە، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە قىزىقتۇرۇش.
تاھارەتنىڭ پەزىلەتلىرىدىن؛ ئۇ كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھلارغا بولسا چوقۇم تەۋبە قىلىش كېرەك بولىدۇ.
خاتالىقلارنىڭ چېقىپ كېتىشىنىڭ شەرتى: تاھارەتنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ بەرگەندەك سۈننەت، ئەدەپلىرىگە رىئايە قىلىپ كامىل ئېلىشتۇر.
بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك؛ خاتالىقلارنىڭ كاپارەت بولۇشى چوڭ گۇناھلاردىن يىراق بولۇش ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىكدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «إِنْ تَجْتَنِبُوا كَبَائِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ» تەرجىمىسى: «ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز» [سۈرە نىسا 31-ئايەت].
التصنيفات
تەرەت ئېلىشنىڭ پەزىلىتى