بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئۇنداق تاماقلارنى نادىر ئەھۋاللاردا يەيتتۇق، ئۇنداق تاماقلارنى يېگىنىمىزدە، قولىمىزنى ئېيتىدىغان لۈڭگە،…

بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئۇنداق تاماقلارنى نادىر ئەھۋاللاردا يەيتتۇق، ئۇنداق تاماقلارنى يېگىنىمىزدە، قولىمىزنى ئېيتىدىغان لۈڭگە، قولياغلىقلار يوق بولۇپ، پەقەت ئالقان، بىلەك ۋە پۇتلىرىمىزلا بار ئىدى، تاماقتىن كېيىن تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتۇق

سەئىد ئىبنى ئەلھارىس جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئوتتا پۇشۇرغان تاماقنى يىسە تاھارەت ئالامدۇ؟ دەپ سورىغاندا جابىر: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئۇنداق تاماقلارنى نادىر ئەھۋاللاردا يەيتتۇق، ئۇنداق يىمەكلەرنى يېگىنىمىزدە، قولىمىزنى ئېيتىدىغان لۈڭگە، قولياغلىقلار يوق بولۇپ، پەقەت ئالقان، بىلەك ۋە پۇتلىرىمىزلا بار ئىدى، تاماقتىن كېيىن تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتۇق، دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

سەئىد ئىبنى ئەلھارىس جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قاقلاش ياكى قاينىتىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئارقىلىق ئوتتا پۇشۇرۇلغان تاماقنى يىسە تاھارەت ئېلىش ۋاجىب بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ياق تاھارەت ئېلىش ۋاجىب بولمايدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇنىڭ دەلىلىنى بايان قىلىپ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئۇنداق تاماقلارنى نادىر ئەھۋاللاردا يەيتتۇق، ئۇنداق تاماقلارنى يېگىنىمىزدە، قولىمىزغا يۇققان مايلارنى ئېيتىدىغان لۈڭگە، قولياغلىقلار يوق ئىدى، بىز تاماقنىڭ مايلىرىنى يالىۋەتكەندىن كېيىن ئالقان، بىلەك ۋە پۇتلىرىمىزنى مايلىۋالاتتۇق، ئاندىن كېيىن تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتۇق، دېدى

التصنيفات

تەرەتنىڭ سۈننەتلىرى ۋە ئەدەپلىرى