إعدادات العرض
1- بىرىڭلار تاھارەت ئالسا بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئاندىن ئۇنى چىقارسۇن، ئىستىنجا قىلسا تاق چالمىدا قىلسۇن، بىرڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا قولىنى سۇغا تىقىشتىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتسۇن، چۈنكى بىرىڭلار كىچىدىن قولىنىڭ نەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەيدۇ
2- سىلەر ھاجەتخانىغا كىرسەڭلا، قىبلە تەرەپكە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، كەينىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، لېكىن شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپكە قاراڭلار
3- ئى ئاللاھ! ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن
4- مەن بىر كۈنى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا قاراپ، كەبىگە ئارقىسىنى قىلىپ ھاجەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم
5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى چوڭ-كېچىك تەرەت سۇندۇرغاندا قىبلىگە يۈزلىنىشتىن ياكى ئوڭ قولىمىز بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، ياكى ئۈچ تالدىن ئاز تاش-چالما بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن ياكى تېزەك ياكى سۆڭەك بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلىدى
6- ماڭا تازىلىق ئۈچۈن تاش ئىزدىگىن، سۆڭەك ۋە تېزەك ئەكەلمىگىن