سىلەر ھاجەتخانىغا كىرسەڭلا، قىبلە تەرەپكە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، كەينىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، لېكىن شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپكە قاراڭلار

سىلەر ھاجەتخانىغا كىرسەڭلا، قىبلە تەرەپكە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، كەينىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، لېكىن شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپكە قاراڭلار

ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سىلەر ھاجەتخانىغا كىرسەڭلا، قىبلە تەرەپكە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، كەينىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، بەلكى شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپكە قاراڭلار. ئەبۇ ئەييۇب مۇنداق دەيدۇ: بىز شامغا كەلسەك، ھاجەتخانىلار قىبلىگە قارتىلىپ سېلىنغان ئىكەن، بىز ئىستىغپار ئېيتىپ ھاجەتخانىدا يانچە ئولتۇردۇق

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ھاجەتخانىغا كىرگەندىكى قائىدىلەرنى ئۈگۈتۈپ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، تەرەت قىلغاندا قىبلىگە يەنى ئۇلۇغ كەئبە شىرىپقا ئالدىمىزنى قىلماسلىق ھەم كەينىمىزنىمۇ قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ نامازدا ئالدىمىزنى قىلىدىغان ۋە ئۇلۇغلايدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان جايدۇر. ئەگەردە ھاجەتخانا قىبلە تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغان بولسا شەرىق ۋە ياكى غەرىپ تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئولتۇرۇش كېرەك. مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ياشايدىغان كىشىلەرگە قارىتا، ساھابىلار رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىنى تىز ئىجرا قىلىدىغان بولغاچقا «مۇسۇلمان شۇنداق بولىشى كېرەك» ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارى دېدىكى: ساھابىلار شامنى پەتھى قىلغاندا ھاجەتخانىلارنىڭ قىبلە تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغانلىقىنى كۆردى، ئۇلار ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندا قىيپاش ئولتۇرۇپ، بۇ قىلمىش ئۈچۈن ئىھتىيات يۈزسىدىن ئاللاھ تائالاغا ئىستىغپار ئېيىتتى

التصنيفات

نىجاسەتنى پاكىزلاش, ھاجەت ئادا قىلىشنىڭ ئەخلاقى