إعدادات العرض
1- سىلەر ھاجەتخانىغا كىرسەڭلا، قىبلە تەرەپكە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، كەينىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، لېكىن شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپكە قاراڭلار
2- قاچاڭلاردىن ئىت بىر نەرسە ئىچىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار
3- مەن مەزى كۆپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى مەندە بولغانلىقتىن ئۇنىڭدىن سوراشتىن ھايا قىلدىم، مىقداد ئىبنى ئەسۋەدنى سوراپ بېقىشقا بۇيرۇدۇم. ئۇ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ئەۋرىتىنى يۇيۇپ تاھارەت ئالىدۇ، دەپ جاۋاب بەردى
4- بىر ئەئرابى كىلىپ مەسچىتنىڭ بىر تەرىپىگە كىچىك تەرەت قىلىپ قويغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاچچىقلانغىلى تۇردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى توسۇۋالدى ۋە ساھابىلەرنى بىر چىلەك سۇ ئەپكىلىپ، سۈيدۈك ئۈستىگە توكۈۋىتىشكە بۇيرىدى
5- مەن جۇنۇب ھالەتتە سىلى بىلەن ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمىدىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: سۇبھانەللاھ! مۆمىن كىشى نىجىس بولمايدۇ
6- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر بالا كەلتۈرۈلدى، ئۇ بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ كەينىدىنلا سۇ ئەكەلدۈرۈپ سۈدۈك تەككەن يەرنى تازىلىدى
7- ئۇنىڭغا چىقىلماڭلار، سۈيدۈكىنىڭ ئۈستىگە بىر چېلەك سۇ قۇيىۋېتىڭلار، سىلەر ھەقىقەتەن كىشىلەرگە مۇشەققەت تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، ئاسانلىق تۇغدۇرغۇچى بولۇپ ئەۋەتىلدىڭلار
8- ئەگەر ئاياق بىلەن نىجاسەتكە دەسسەپ سالسا، ئۇنى توپىغا سۈركەپ پاكلىسۇن