رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر بالا كەلتۈرۈلدى، ئۇ بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ كەينىدىنلا سۇ ئەكەلدۈرۈپ سۈدۈك تەككەن…

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر بالا كەلتۈرۈلدى، ئۇ بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ كەينىدىنلا سۇ ئەكەلدۈرۈپ سۈدۈك تەككەن يەرنى تازىلىدى

ئۇممۇ قەيىس بىنتى مىھسەن ئەلئەسەدىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ، ئۇ ئايال كىچىكلىكىدىن تېخى تاماق يىگۈزمىگەن ئوغۇل بالىسىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئەكىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ بالىنى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزدى، بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سۇ چېچىۋەتتى، لىكىن يۇيمىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر بالا كەلتۈرۈلدى، ئۇ بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ كەينىدىنلا سۇ ئەكەلدۈرۈپ تۆپىسىگە تۆكىۋەتتى. يەنە بىر ھەدىستە: ئارقىدىنلا سۇ تۆكتى، يۇيمىدى، دېگەن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇئاسى ۋە بەركىتىنى ئېلىش ئۈچۈن قېشىغا باللىرىنى ئېلىپ كىلەتتى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولغانلىقتىن ئۇلارنى ئىللىق ۋە ياخشى كۈتىۋالاتتى. بىر كۈنى ئۇممۇ قەيىس ئىمىدىغان كىچىك بالىسىنى رەسۇلۇللاھقا ئېلىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ مېھرىبانلىقىدىن ئۇ كىچىك بالىنى مۇبارەك قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزدى، شۇ ۋاقىتتا بۇۋاق رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ دەرھال ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ چېچىۋەتتى، ئۇ ئورۇننى يۇيمىدى

التصنيفات

نىجاسەتنى پاكىزلاش