مەن جۇنۇب ھالەتتە سىلى بىلەن ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمىدىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: سۇبھانەللاھ! مۆمىن كىشى نىجىس بولمايدۇ

مەن جۇنۇب ھالەتتە سىلى بىلەن ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمىدىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: سۇبھانەللاھ! مۆمىن كىشى نىجىس بولمايدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىدىكى بىر يولدا ئەبۇ ھۇرەيرە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ جۇنۇبلۇق ھالەتتە ئىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە: «مەن ئۆزۈمنى نىجىس ساناپ» رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۈچرىشىشتىن ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم ۋە بېرىپ يۈيۈنۇپ كەلدىم. رەسۇلۇللاھ قەيەردە بولدۇڭ دەپ سورىدى. مەن: جۇنۇب ھالەتتە سىلى بىلەن ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمىدىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: سۇبھانەللاھ! مۆمىن كىشى نىجىس بولمايدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن مەدىنىدىكى بىر يولدا ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ھۇرەيرە جۇنۇبلۇق ھالەتتە ئىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى بەك ھۆرمەتلىگەنلىكتىن بۇ ھالدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش ۋە بىر سورۇندا ئولتۇرۇشنى توغرا كورمىدى. چاندۇرماستىن ئۆيىگە بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن قەيەرگە بارغانلىقىنى سورغاندا، ئەھۋالدىن خەۋەر بەردى، ناپاك ھالدا رەسۇلۇللاھ بىلەن سورۇنداش بولۇشنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيىتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۆزىنى ناپاك دەپ ئويلىۋالغانلىقىدىن، بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالدى، ۋە: مۆمىن كىشى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن ناپاك، نىجىس بولمايدۇ، دېدى

التصنيفات

نىجاسەتنى پاكىزلاش, غۇسلى قىلىش