قاچاڭلاردىن ئىت بىر نەرسە ئىچىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار

قاچاڭلاردىن ئىت بىر نەرسە ئىچىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قاچاڭلاردىن ئىت بىر نەرسە ئىچىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: بىرىنچىسىنى توپا بىلەن، دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قاچاڭلارغا ئىت چېپىلىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار، سەككىزىنجى قېتىم توپا بىلەن يۇيۇڭلار، دېگەن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئىت نىجاسەت يەيدىغان مىكرۇب ۋە كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرىدىغان، يىرگىنىشلىك ھايۋان بولغانلىقتىن شەرىئەت بايان قىلغۇچى رەسۇلۇللاھ، ئۇ چېپىلىپ قويغان نەرسىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا بۇيرىغان، ئۇنىڭدىكى مىكرۇب ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بىرىنچى قېتىملىقنى توپا بىلەن يۇيۇپ ئاندىن سۇ بىلەن يۇيۇشقا بۇيرىغان

التصنيفات

نىجاسەتنى پاكىزلاش, قاچا-قۇچا