إعدادات العرض
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرسە: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ ئەركەك-چېشى شەيتانلاردىن پاناھلىق تېلەيمەن»دەيتتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرسە: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ ئەركەك-چېشى شەيتانلاردىن پاناھلىق تېلەيمەن»دەيتتى
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرسە: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ ئەركەك-چېشى شەيتانلاردىن پاناھلىق تېلەيمەن»دەيتتى.
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt Hausa Português Kurdî Kiswahili සිංහල Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or नेपाली Malagasy Kinyarwanda తెలుగు Lietuvių Oromoo Română മലയാളം Nederlands Soomaali Српски Українська Deutsch ಕನ್ನಡ Wolof Moore Shqip ქართული Azərbaycan Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چوڭ تەرەت بولسۇن ياكى كېچىك تەرەت بولسۇن ھاجىتىنى ئادا قىلىدىغان ئورۇنغا كېرىشنى مەقسەت قىلغاندا، ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەيتتى، ئەركەك-چېشى شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلاشنى تېلەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلاتتى. بەزى ئالىملار:«خۇبسى ۋە خەبائىس»نى يامانلىق ۋە نىجاسەت دەپ ئىزاھلىغان.فوائد الحديث
ھاجەتخانىغا كىرىشنى مەقسەت قىلغاندا بۇ دۇئانى قىلىش ياخشىدۇر.
مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ھەرۋاقىت ئۆزلىرىگە يېتىدىغان زىيانلىق ۋە ئەزىيەتلەردىن ساقلىنىشتا ئۆزىنىڭ رەببىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
التصنيفات
ھاجەت ئادا قىلىشنىڭ ئەخلاقى