مەن بىر كۈنى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا قاراپ، كەبىگە ئارقىسىنى قىلىپ ھاجەت قىلىۋاتقىنىنى…

مەن بىر كۈنى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا قاراپ، كەبىگە ئارقىسىنى قىلىپ ھاجەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: مەن بىر كۈنى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا قاراپ، كەبىگە ئارقىسىنى قىلىپ ھاجەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. يەنە بىر رىۋايەتتە: بەيتۇلمەقدىسكە (يەنى؛ ئەقسا مەسچىتىگە) قاراپ، دەپ كەلدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ بىر كۈنى ئۆزىنىڭ قىز قېرىندىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسەنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئاندىن ئۇنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۈستىگە چىققان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شام تەرەپكە قاراپ قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ ھاجەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ گەپنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھاجەت قىلغاندا بەيتۇلمۇقەددەسكە قارىسا بولمايدۇ، دېگەنلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇئەللىپ ئىككىنچى رىۋايەتنى كەلتۈردى، ئۇ: بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ، دېگەن ئىبارەتتۇر

التصنيفات

ھاجەت ئادا قىلىشنىڭ ئەخلاقى