إعدادات العرض
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كېچىسى ياتىدىغان ئورنىغا كەلگەندە، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەپ ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ…
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كېچىسى ياتىدىغان ئورنىغا كەلگەندە، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەپ ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كېچىسى ياتىدىغان ئورنىغا كەلگەندە، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەپ ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن بەدىنىدىن قولى يەتكەن جايلارنى سىلايتتى، ئالدى بىلەن بېشىنى، يۈزىنى، بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلايتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم قىلاتتى.
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Kurdî Moore Soomaali Français Wolof Oromoo Tagalog Українська Azərbaycan தமிழ் bm Deutsch ქართული Português Македонски Magyar Русский 中文 فارسیالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن: ئاخشىمى ئۇخلاش ئۈچۈن كۆرپىسىگە كەلگەندە ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ دۇئا قىلغاندا كۆتۈرگەندەك ئېگىز كۆتۈرۈپ ئازراق تۈپرۈك بىلەن يەڭگىل سۈپلاپ «ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس»سۈرىلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇپ ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن بەدىنىدىن قولى يەتكەن جايلارنى سىيلايتتى، بېشى، يۈزى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلايتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرار قىلاتتى.فوائد الحديث
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى « ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس» سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئۇنى قولىغا سۈپلەپ ئۇنىڭ بىلەن بەدىنىدىن قولى يەتكەن ئورۇنلارنى سىلاشنىڭ ياخشى كۆرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.