سىلەرنىڭ بىرىڭلار تۇرغۇن سۇغا كىچىك تەرەت قىلمىسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدا يۇيۇنمىسۇن

سىلەرنىڭ بىرىڭلار تۇرغۇن سۇغا كىچىك تەرەت قىلمىسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدا يۇيۇنمىسۇن

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىرىڭلار تۇرغۇن سۇغا كىچىك تەرەت قىلمىسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدا يۇيۇنمىسۇن. يەنە بىر ھەدىستە: بىرىڭلار جۇنۇب ھالدا تۇرغۇن سۇدا يۇيۇنمىسۇن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاقمايدىغان، توختاق سۇغا كىچىك تەرەت قىلىشتىن توستى، چۈنكى سۈيدۈكتىكى مىكرۇپلار سۇنى بۇلغاپ، ئۇنى ئىشلەتكەن كىشىگە زىيان يېتىدۇ. بەلكى كىچىك تەرەت قىلغۇچى ئۆزى ئىشلىتىپ يۇيۇنىشى مۈمكىن. كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ پاكلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇ سۇغا قانداقمۇ كىچىك تەرەت قىلسۇن. يەنى بەدەندىكى كىرلەر بۇ سۇنى بۇلغايدىغانلىقى سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ توختاق سۇدا يۇيۇنىشتىن چەكلىدى

التصنيفات

سۇغا ئالاقىدار ھۆكۈملىرى, غۇسلى قىلىش