بىر ئادەم ئەرافاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، «ياكى تۆگىسى ئۇنى دەسسىۋېتىپ» بوينى سۇنۇپ ئۆلۈپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇ ئادەمنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن…

بىر ئادەم ئەرافاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، «ياكى تۆگىسى ئۇنى دەسسىۋېتىپ» بوينى سۇنۇپ ئۆلۈپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇ ئادەمنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇپ، ئىككى پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەڭلار، ئۇنىڭغا ھەنۇت«خۇشبۇي» ئىشلەتمەڭلار، بېشىنى ياپماڭلار، چۈنكى ئۇ ئادەم قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبرىدىن تۇرىدۇ، دېدى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم ئەرافاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، «ياكى تۆگىسى ئۇنى دەسسىۋېتىپ» بوينى سۇنۇپ ئۆلۈپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇ ئادەمنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇپ، ئىككى پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەڭلار، ئۇنىڭغا ھەنۇت«خۇشبۇي» ئىشلەتمەڭلار، بېشىنى ياپماڭلار، چۈنكى ئۇ ئادەم قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبرىدىن تۇرىدۇ، دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ساھابىلەردىن بىرى رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەج قىلىپ ئەرەپاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشتى ۋە بوينى سۇنۇپ كېتىپ ئۆلۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلەرنى ئادەتتىكى مېيىتنى يۇغاندەك سۇ ۋە سىدىر بىلەن ئۇنى يۇيۇشقا ، ئىھرام باغلىغان ئىككى رەخ بىلەن كىپەنلەشكە بۇيرىدى. ئۇ كىشى ھەجگە ئىھرام باغلىغانلىقتىن ئىبادەت قىلغان شۇ ھالىتى بىلەن قېلىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا خۇش پۇراق ئىشلىتىشتىن ۋە بېشىنى يېپىپ قويۇشتىن توستى. ئۇلارغا بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، ئۇ كىشى قانداق ئۆلگەن بولسا شۇ ھالىتىدە تىرىلىدۇ، يەنى ھەجنىڭ شۇئارى بولغان تەلبىيە ئېيتقان ھالدا قەبرىسىدىن تۇرىدۇ، دېدى

التصنيفات

ئېھرامدا چەكلەگەن ئىشلار