إعدادات العرض
1- بىر ئادەم ئەرافاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، «ياكى تۆگىسى ئۇنى دەسسىۋېتىپ» بوينى سۇنۇپ ئۆلۈپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇ ئادەمنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇپ، ئىككى پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەڭلار، ئۇنىڭغا ھەنۇت«خۇشبۇي» ئىشلەتمەڭلار، بېشىنى ياپماڭلار، چۈنكى ئۇ ئادەم قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبرىدىن تۇرىدۇ، دېدى
2- كۆينەك، سەللە، ئىشتان، پەرنچە، ئۆتۈك، كەيمەيدۇ، پەقەت ئايىقى يوق كىشىلا ئۆتۈكنىڭ قونجىنى ئوشۇقتىن تۆۋەنرەك كېسىۋېتىپ كېيسۇن
3- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر قۇلان (ياۋا ئېشەك) ھەدىيە قىلدىم
4- خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتكىن، چاپىنىڭنى سېلىۋەتكىن، ئۆمرە قىلغاندا ھەجدە قىلغانغا ئوخشاش پائالىيەت قىلغىن