رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى زەينەبنىڭ قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيتتى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى زەينەبنىڭ قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيتتى

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى زەينەبنىڭ ئەبىل ئاس ئىبنى رەبىئ ئىبنى ئابدۇشەمسدىن بولغان قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيتتى، سەجدە قىلغاندا ئۇنى قويۇپ تۇرۇپ، تۇرغاندا كۆتۈرۈۋالاتتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەۋرىسى ئۇمامە بىنتى زەينەپنى كۆيۈنگەن ۋە ياخشى كۆرگەنلىكتىن نامازدا كۆتۈرۋالاتتى، قىيامدا تۇرغاندا مۇرىسىدە قوياتتى، رۇكۇ، سەجدە قىلغاندا يەردە قويۇپ قوياتتى

التصنيفات

نامازنىڭ سۈپەتلىرى, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مېھرىبانلىقى