إعدادات العرض
سەۋرى قىلىش، مۇسىبەتكە تۈنجى ئۇچرىغاندا بولىدۇ
سەۋرى قىلىش، مۇسىبەتكە تۈنجى ئۇچرىغاندا بولىدۇ
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرنىڭ بېشىدا يىغلاۋاتقان بىر ئايالنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، ئۇ ئايالغا: «ئاللاھدىن قورقۇڭ، سەۋرى قىلىڭ» دېدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇماي: مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ماڭا كەلگەن مۇسىبەت سىزگە كەلمىدى،- دېدى، كېيىن ئۇ ئايالغا: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىدى،- دېيىلگەندىن كىيىن ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېشىكى ئالدىغا كەلدى، ئۇ يەردە قاراۋۇللارنى ئۇچراتماي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېرىپ: مەن سىلىنى تونىماپتىمەن،- دەپ ئۆزرى ئېيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەۋرى قىلىش، مۇسىبەتكە تۈنجى ئۇچرىغاندا بولىدۇ» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇ ئايال كېچىك بالىسىغا يىغلاۋاتقان ئىدى،- دېيىلگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdîالشرح
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈپ قالغان كىچىك بالىسىنىڭ قەبرىسى بېشىدىكى بىر ئايالنىڭ يېنىدىن ئۆتتى، ئايال بالىسىنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۆزىنى تۇتالماي بالىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىغا يىغلاش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرگەندە ئاللاھدىن قورقۇشقا ۋە سەۋر قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇ: مەندىن يىراق بولۇڭ، سىزگە ماڭا ئوخشاش مۇسىبەت كەلمىدى،- دېدى، كېيىن ئايالغا: ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى،- دېيىلگەندە، ئۇ پۇشايمان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئىشىكنىڭ يېنىدا كىشىلەرنى ئۆيگە كېرىشتىن توسىدىغان ئىشىك باقارلارمۇ يوق ئىدى، ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەھۋالنى ئېيتىپ: مەن سىلىنى تونۇماپتىمەن،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئىنسان ساۋاپقا ئېرىشىدىغان سەۋىرچانلىق مۇسىبەتنىڭ بېشىدا قىلغان سەۋرىسىدۇر» دېدىالتصنيفات
ئۆلۈم ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر