پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى، ئۇ يەردە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى، ئۇ يەردە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى، ئۇ يەردە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر شەنبە كۈنىدە ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق قىلاتتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان]

الشرح

قۇبا رايونى بولسا ئىسلامدا تۇنجى قېتىم مەسجىد بىنا قىلىنغان ئورۇن بولۇپ، مەدىنە ئەتراپىدىكى مەدىنىنىڭ شەھەر مەركىزىگە ئەڭ يېقىن رايون ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇبا مەسجىدىنى ئۇلاغلىق ياكى پىيادە كېلىپ زىيارەت قىلاتتى، بەزى كۈنلەرنى زىيارەتكە خاس قىلاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنىدە قۇبا مەسجىدىگە زىيارەتكە كېلىشىدىكى ھېكمەت: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش مەقسىتى بىلەن، ئۇلارنى يوقلاپ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ئۆزى بىلەن جۈمە نامىزىغا ھازىر بولالمىغانلارنىڭ ئەھۋالىنى سورايتتى، مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قۇبا زىيارىتىنى شەنبە كۈنىگە خاسلاشتۇرۇشتىكى سىر

التصنيفات

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامازدىكى يولى