إعدادات العرض
1- مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن، پىشىن نامىزىنىڭ ئالدىدا ئىككى رەكئەت، ئارقىدا ئىككى رەكئەت، جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، شام نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇم
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سەپەردىكى خۇپتەن نامىزىدا، بىر رەكئەتتە «سۈرە تىن» نى ئوقۇدى، مەن ئۇنىڭدىنمۇ جاراڭلىق ۋە گۈزەل قىرائەت بىلەن ئوقۇغان بىرەرسىنى كۆرۈپ باقمىدىم
3- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇسا ئىككى قولىنى قولتۇقىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنگىدەك كېرەتتى
4- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى، ئۇ يەردە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى
5- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدىكى بامدات نامىزىدا سۈرە سەجدە بىلەن سۈرە ئىنساننى ئوقۇيتتى
6- مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ناماز ئوقۇپ بەرگەندەك ناماز ئوقۇپ بېرىمەن
7- بىر كېچىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ناماز ئوقۇغۇنۇمدا، ئۇ سۈرە بەقەرەنى باشلىدى
8- مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆپ نامازلارنى بىرگە ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ نامىزىمۇ ۋە خۇتبىسىمۇ ئوتتۇراھال ئىدى