مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون رەكەت نەپلە نامازنى ئېسىمدە تۇتتۇم

مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون رەكەت نەپلە نامازنى ئېسىمدە تۇتتۇم

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون رەكەت نەپلە نامازنى ئېسىمدە تۇتتۇم:پېشىننىڭ پەرىزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت، پەرزدىن كېيىن ئىككى رەكەت، شامدىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكەت، خۇپتەندىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكەت، بامداتتىن ئىلگىرى ئۆيدە ئىككى رەكەت، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرمەيدىغان بىر ۋاقىتتا ھەمشىرەم ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ماڭا ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ: مۇئەززىن ئەزان ئوقۇپ تاڭ يورىغاندا بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇيتتى. يەنە بىر لەپزىدە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى دەپ كەلگەن.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان]

الشرح

ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئېسىدە تۇتىۋالغان ئون رەكەت نەپلە نامازنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، بۇ پەرز نامازلارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئادا قىلىنىدىغان سۈننەتلەر دەپ ئاتىلىدۇ. پېشىننىڭ پەرىزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت، پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت، شامدىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكەت، خۇپتەندىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكەت، بامداتتىن ئىلگىرى ئۆيدە ئىككى رەكەت. بۇنىڭ بىلەن ئون رەكەت تامام بولدى. جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت.

فوائد الحديث

بۇ نامازلارنى ئادا قىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش سۈننەتتۇر.

سۈننەت نامازنى ئۆيدە ئادا قىلىش ياخشىدۇر.

التصنيفات

نەپلە ناماز, نەپلە ناماز, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامازدىكى يولى, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامازدىكى يولى, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلە تۇرمۇشى, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلە تۇرمۇشى