إعدادات العرض
كىمىكى مۇنداق دېسە «يەنى ئۆيدىن چىققاندا»: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان ھالدا چىقىمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ كۈچ-قۇدرەت يوقتۇر. دېسە، شۇ…
كىمىكى مۇنداق دېسە «يەنى ئۆيدىن چىققاندا»: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان ھالدا چىقىمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ كۈچ-قۇدرەت يوقتۇر. دېسە، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا: توغرا يولغا يېتەكلەندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ «يەنى ھاجەتلىرىڭ راۋا بولدى» دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلاندىڭ دەپ نىدا قىلىنىدۇ ۋە شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى ئۆيدىن چىققاندا: "ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان ھالدا چىقىمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ كۈچ-قۇدرەت يوقتۇر" دېسە، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا: توغرا يولغا يېتەكلەندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ، دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلاندىڭ دەپ نىدا قىلىنىدۇ ۋە شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ. ئەبۇ داۋۇد بۇ جۈملىنى زىيادە رىۋايەت قىلغان: شۇ ۋاقىتتا بىر شەيتان يەنە بىرىگە: سەن قانداقمۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن، كۇپايە قىلىنغان (يەنى ھاجەتلىرى راۋا بولغان) دۈشمەنلىرىنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلانغان بىر كىشىنى ئازدۇرالايسەن، دەيدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الشرح
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىر ئادەم ئۆيىدىن چىققاندا «باسم الله، توكلت على الله، لا حول ولا قوة إلا بالله» دېسە پەرىشلەردىن بىرى ئۇنى چاقىرىپ: ئى ئابدۇللاھ ھەق يولغا ھىدايەت قىلىندىڭ! ھاجىتىڭ راۋا بولدى، دۈشمەنلىرىڭدىن ساقلاندىڭ، دەيدۇ. ئۇنىڭغا ھەمرا بولغان شەيتان يىراقلىشىدۇ. بۇ شەيتانغا يەنە بىر شەيتان: ھىدايەت قىلىنغان، ھاجىتى راۋا بولغان، بارلىق شەيتان ۋە دۈشمەنلەرنىڭ يامانلىقىدىن ھىمايە قىلىنغان بىر ئادەمنى قانداقمۇ ئازدۇرالايسەن؟ چۈنكى ئۇ ئادەم بۇ سۆزلەرنى دېدى، سەن ئەمدى ئازدۇرالمايسەن، دەيدۇ، دېگەن