إعدادات العرض
ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزغاندا بارلىق ئەزالىرى تىلغا يېلىنىپ دەيدۇ: ئى تىل! بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن جازالىنىمىز،…
ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزغاندا بارلىق ئەزالىرى تىلغا يېلىنىپ دەيدۇ: ئى تىل! بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن جازالىنىمىز، ئەگەر سەن دۇرۇس بولساڭ، بىزمۇ دۇرۇس بولىمىز، ئەگەر سەن ئەگرى بولساڭ بىزمۇ ئەگرى بولىمىز
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزغاندا بارلىق ئەزالىرى تىلغا يېلىنىپ دەيدۇ: ئى تىل! بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن جازالىنىمىز، ئەگەر سەن دۇرۇس بولساڭ، بىزمۇ دۇرۇس بولىمىز، ئەگەر سەن ئەگرى بولساڭ بىزمۇ ئەگرى بولىمىز»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Hausa Kurdîالشرح
بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى تىلغا يالۋۇرىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ، ئۇ ئەزالار تىلغا ئەگىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاڭ ئاتقۇزغاندا تىلغا: بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز سېنىڭ يېنىڭدا دەيدۇ، تىل ئىگىسىگە نىسبەتەن خەتىرى ئەڭ قاتتىق ئەزا ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر تىل رۇس بولسا، قالغان ئەزالارمۇ رۇس بولىدۇ، ئەمەللىرى توغرا بولىدۇ، ئەگەر تىل قىڭغىر بولسا، قالغان ئەزالارمۇ قىڭغىر بولىدۇ، ئەمەللىرى بۇزۇلىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بەندىنىڭ قەلبى رۇس بولمىغىچە ئىمانى رۇس بولمايدۇ، تىلى رۇس بولمىغىچە قەلبى رۇس بولمايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. تىلنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەر ناھايتى كۆپ، تىل ئىگىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن ياكى بەختسىزلىكى ئۈچۈن سەۋەب بولىدۇ، ئەگەر تىلنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇندۇرسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت بولىدۇ، ئەگەر تىلىنى ئاللاھ رازى بولمايدىغان ئىشلارغا قويۇۋەتسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە ھەسىرەت بولىدۇالتصنيفات
سۆز قىلىش ۋە سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەخلاقى