ياخشىلىق قىلمايمەن دەپ ئاللاھقا قەسەم قىلغان كىشى قېنى؟

ياخشىلىق قىلمايمەن دەپ ئاللاھقا قەسەم قىلغان كىشى قېنى؟

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىشىك ئالدىدا ئىككى كىشىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا جېدەللىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن ئۆزىگە مېھرىبانلىق قېلىپ ئۆزىدىكى قەرزلەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلاتتى، يەنە بىرى بولسا: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇنداق قىلمايمەن دەيتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ: «ياخشىلىق قىلمايمەن دەپ ئاللاھقا قەسەم قىلغان كىشى قېنى»دېدى، ئۇ كىشى: مەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ كىشى ئۈچۈن قانداق قىلىش ياخشى بولسا، مەن شۇنداق قىلاي، دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىقتىساد توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئىككى كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئۇلار ئاۋازىنى بەك يۇقىرى كۆتۈرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئۆينىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغىمۇ ئاڭلاندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئاۋازلارغا قۇلاق سالدى، ئىككى ئادەمنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرسىدىن: ئۆزىگە كەڭچىلىك قىلىپ قەرزدىن ئازراق كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ بولسا: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇنداق قىلمايمەن، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قېشىغا چېقىپ: «ياخشىلىق قىلمايمەن دەپ ئاللاھقا قەسەم قىلغان كىشى قېنى؟» دېدى، ئۇ كىشى: مەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن قەسەم قىلغان، ئۇ كىشى ئۈچۈن قانداق قىلىش ياخشى بولسا شۇنداق قىلاي دېدى. ئىمام ئەھمەدنىڭ(24405) ۋە ئىبنى ھىبباننىڭ(5032)رىۋايىتىدە: ئەگەر خالىسىلا قەرزنىڭ قالغىنىنى ئۆتىۋىتەي، خالىسىلا قەرزنىڭ ھەممىسىنى ئۆتۈۋىتەي دېدى ۋە قەرزنىڭ قالغىنىنى ئۆتىۋەتتى دېيىلگەن. بۇ باپتا بۇ ھەدىسنى كەلتۈرۈشتىن بولغان مەقسەت ئېنىق: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى دەۋاگەرنىڭ ئارىسىدا قەرزنى كەچۈرىۋىتىش ياكى مېھرىبانلىق قىلىش توغرىسىدا سۈلھى قىلىش ئۈچۈن تېرىشتى. بۇ باپتا مۇشۇ ھەدىسكە ئوخشاپ قالىدىغان بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنغان، ئىمام بۇخارى(2424)ۋە ئىمام مۇسلىم(1558)كەئەب ئىنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، كەئەب ئىبنى مالىكنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ ھەدرەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدا قەرز بەرگەن پۇلى بولۇپ، ئۇلار ئۇچرىشىپ قالغاندا، كەئەب قەرزنى سۈيلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن سۆزلىشىپ ئاۋازلىرى كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «ئى كەئەب!» دەپ ئۇنىڭغا يېرىمىنى ئۆتىۋەتكىن، قەرزنىڭ يېرىمىنى ئالغىن دەپ قولى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ، مۇسۇلماننىڭ ياخشىلىق قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشمۇ ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئىككى ئادەمنىڭ ياكى ئىككى جامائەتنىڭ ياكى ئىككى قەبىلىنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش، ئىتتىپاقسىزلىق، ئۇرۇش-جېدەلنى كۆرسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆچلەشتۈرىدىغان، بۆلۈۋېتىدىغان ئامىللارنى يوق قىلىش، ئۇنىڭ ئورنىغا دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە مېھرى-مۇھەببەت پەيدا قىلىش كېرەك، ھەقىقەتەن ئاشۇ ساۋابى كاتتا بولغان زور ياخشىلىق ھېسابلىنىدۇ بەلكى ئۇنىڭ دەرىجىسى سەدىقە قىلغان، كېچىدە قىيامدا تۇرغان ۋە روزا تۇتقان كىشىنىڭ دەرىجىسىدىنمۇ ئۈستىن بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«سىلەرگە سەدىقە قىلغان، كېچىدە قىيامدا تۇرغان ۋە روزا تۇتقان كىشىنىڭ دەرىجىسىدىنمۇ دەرىجىسى ئۈستىن بولىدىغان بىر ئىشتىن خەۋەر بېرەيمۇ؟»دېگەندە، ساھابىلار: بولىدۇ خەۋەر بەرسىلە ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش»دەيدۇ، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى(4919)، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا(4919)كەلتۈرگەن

التصنيفات

گۈزەل ئەخلاقلار