إعدادات العرض
ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشى سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ
ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشى سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشى سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ. ئاللاھ يولىدا قوزغالغان چاڭ-توزاڭ بىلەن جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى جەم بولمايدۇ. يەنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشى جەھەننەمگە كىرمەيدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Hausa Kurdî தமிழ்الشرح
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە، ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشىنىڭ دوزاخقا كىرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى ئاللاھتىن قورقىغان ئادەم، كۆپۈنچە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، گۇناھ مەئسىيەتتىن يىراق بولىدۇ. سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ، دېگەن بۇ سۆز، ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىشى مۈمكىن ئەمەس، دېگەن مەنىدە كەلگەن. ئاللاھ يولىدا قوزغالغان چاڭ-توزاڭ بىلەن جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى جەم بولمايدۇ، دېگەن بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى: بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە زىت، قارمۇ قارشى، شۇنىڭدەك دۇنيا ۋە ئاخىرەتمۇ بىر-بىرىگە زىت قارمۇ-قارشى، دېگەن مەنىدەالتصنيفات
جىھادنىڭ پەزىلىتى